微信支付 ياردەم قوللانمىسى

پۇل قايتۇرۇش ئىلتىماسى يوللاش ۋە ئاپتوماتىك پۇل تۇتۇشنى تاقاش

تۆۋەندىكى قەدەملەرگە ئەگىشىپ، ئالدى بىلەن پۇل قايتۇرۇش ئىلتىماسى يوللاڭ؛ ئاندىن كېرەك بولسا ئاپتوماتىك پۇل تۇتۇشنىمۇ تاقاڭ.

ئەسكەرتىش: پۇل قايتۇرۇشنى تېز بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئىلتىماس ئىچىدە تېلېفون نومۇرىڭىزنى توغرا كىرگۈزۈڭ.

پۇل قايتۇرۇش ئىلتىماسى يوللاش

بۇ باسقۇچتا微信支付دىكى شۇ ھەق تۆلەش ئۇچۇرىنى تېپىپ، سودىغا گۇمان بار دېگەن يول ئارقىلىق مەسىلىنى يوللايسىز.

1

微信 نى ئېچىپ، 微信支付 ئۇچۇرىنى بېسىڭ

Wechat ئۇچۇرلىرى ئىچىدىن پۇل تۇتۇلغان شۇ 微信支付 خەۋىرىنى تېپىڭ.

微信支付 خەۋىرىنى بېسىش
2

پۇل تۆلەش تەپسىلاتىنى بېسىڭ

تۇتۇلغان پۇلنىڭ كارتوچكىسى ياكى 账单详情 كۆرىنىدىغان قىسمىنى ئېچىڭ.

پۇل تۆلەش تەپسىلاتىنى بېسىش
3

对订单有疑惑 نى بېسىڭ

بۇ يەردىن سودىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىنى سودىگەرگە يوللاش باشلىنىدۇ.

对订单有疑惑 نى بېسىش
4

其他问题 نى تاللاڭ

مەسىلە تۈرىدىن باشقا مەسىلە دېگەننى تاللاپ، كېيىنكى بەتكە ئۆتۈڭ.

其他问题 نى تاللاش
5

سەۋەب ۋە تېلېفون نومۇرىنى يېزىپ، 提交咨询 نى بېسىڭ

سەۋەبكە ئاددىيلا “غەيرىي ھالدا پۇل تۇتۇلدى، قايتۇرۇپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن” دېسىڭىز بولىدۇ.

سەۋەب ۋە نومۇر يېزىپ يوللاش

ئاپتوماتىك پۇل تۇتۇشنى تاقاش

پۇل قايتۇرۇش ئىلتىماسى يوللىغاندىن كېيىن، قايتا پۇل تۇتۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن تۆۋەندىكى قەدەملەر بىلەن ئاپتوماتىك تۇتۇشنى تاقاڭ.

1

微信 دا نى بېسىپ، 服务 كە كىرىڭ

ئاستىدىكى بەتكۈچىنى، ئاندىن 服务 قۇرنى بېسىڭ.

我 ۋە 服务 نى بېسىش
2

钱包 نى بېسىڭ

مۇلازىمەت بىتىدىكى يېشىل رايوندىن 钱包 دېگەننى تاللاڭ.

钱包 نى بېسىش
3

支付设置 كە كىرىڭ

ھەممىدىن ئاستىدىكى 支付设置 دېگەن تەڭشەك كۇنۇپكىسىنى بېسىڭ.

支付设置 نى بېسىش
4

自动续费 نى بېسىڭ

پۇل تۆلەش تەڭشەكلىرى ئىچىدىن ئاپتوماتىك يېڭىلاش تىزىملىكىگە كىرىڭ.

自动续费 نى بېسىش
5

تاقىماقچى بولغان مۇلازىمەتنى تاللاڭ

تىزىملىكتىن بىزنىڭ مۇلازىمەت ياكى پۇل تۇتقان مۇلازىمەت نامىنى بېسىڭ.

مۇلازىمەتنى تاللاش
6

关闭扣费服务 نى بېسىڭ

بەتنىڭ ئاستىدىكى تاقاش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ داۋاملاشتۇرۇڭ.

关闭扣费服务 نى بېسىش
7

确定关闭 نى بېسىپ تاماملاڭ

جەزملەشتۈرۈش كۆزنىكى چىقسا، 确定关闭 نى بېسىڭ. شۇنىڭ بىلەن ئاپتوماتىك تۇتۇش تاقىلىدۇ.

确定关闭 نى بېسىش